—Reference
ئون ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلاردا ئۇخلاش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئون ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار، ھەر كۈنى 14 سائەتتىن 15 سائەتتكىچە ئۇخلايدۇ. كۈندۈزى ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۇخلايدۇ. ھەر قېتىمدا ئىككى سائەتتىن 5.2 سائەتكىچە ئۇخلايدۇ. ئاتا - ئانىلار بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئاساسەن بوۋاقنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇخلىتىش، ھەر قېتىم ئۇخلىتىشتىن ئىلگىرى، ئانا بالىغا يېقىملىق ئاۋازدا <قوزام، بىز ئۇخلايلى، دەرھال كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ بولامدۇ؟> دەپ، ئاندىن بالىنى قۇچاقلاپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىش ياكى يېقىملىق مۇزىكىلارنى قويۇپ بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بوۋاق ئاتا - ئانىسىنىڭ تەرتىپلىك يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ