—Reference
ئۇسسۇل
Domain: ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئۇسسۇل مۇئەييەن رىتىملىق مۇزىكا مۇھىتى ئاستىدا ئوينىلىدىغان كۆپ، ماھارەتلىك ھەرىكەت ئارقىلىق ئوبرازلىق يارىتىپ، كىشىگە بەدىئىي زوق ۋە ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر بېغىشلايدىغان بىر خىل سەنئەت ئويۇنىدۇر.
بۇ خىل سەنئەت شەكلى ئۆزىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئەمگەك ۋە تەسەۋۋۇردىن پەيدا بولۇپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى يېڭى شەكىلگە كىردى.
بىز <ئەمگەك ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەنىۋى پائالىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ مەنىۋى ئاساسى> دەيمىز. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسۇللىرىنى كىشىلەرنىڭ ئچىكى ھېسسىياتىنى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىگۈچى ۋاستە دېيىشكە بولىدۇ. بىرەر توي - مەرىكىدە ياكى مەشرەپلەردە لەرزان ئۇسسۇل بىلەن قىزلار مەيدانغا چۈشكەندە ھېسسىياتچان ئەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي مۇنداق قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ.
ئالتۇنمىكىن، كۈمۈشمىكىن،
قىزنىڭ بويلىرى.
قايناپ تۇرغان بۇلاقمىكىن،
ئويناق كۆزلىرى.
سايراپ تۇرغان بۇلبۇلمىكىن،
شېرىن سۆزلىرى.
مېنى شۇنچە كۆيدۈرگەن،
يارىم ئۆزلىرى.
تال چىۋىقتەك ئۇسسۇللىرىغا،
زوقۇم كېلىدۇ.
ئاخشاملىققا باراي دېسەم،
قورققۇم كېلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇسسۇللىرى ئىچىدە <دولان ئۇسسۇلى>، <نازىركوم> ئۇسسۇلىرىدا ھەر خىل يۇمۇرلۇق بېيىتلار، ساتىرىك ئوبرازلار شېئىر ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
مەسىلەن، بۇ ئۇسسۇللاردا ئات مىنىش، ئەينەككە قاراش، يار پاچاقلاپ مېڭىش، قۇشتەك بىر پۇتلۇق تاقلاش قاتارلىق ھەر خىل قىزىقارلىق ئويۇنلار بار. <دولان> ئۇسسۇلىدا ھەممە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ھالقا شەكىل ھاسىل قىلىپ ئويناشلىرى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇسسۇل مۇزىكىلىق رىتىم، شېئىرىي تەپەككۇر، ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قىزغىن كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ. داۋاملىق شوخ ئۇسسۇل ئوينىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللار تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ھەرىكەتتىكى چەبدەسلىكنى ۋە ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ.
بىزدىكى <دولان> ئۇسسۇلى، <نازىركوم>، <قەشقەر سەنىمى>، <كورلا سەنىمى>، <ئىلى سەنىمى>، <ساما ئۇسسۇلى>، <ئۈزۈمىلىك ئۇسسۇلى> قاتارلىقلار يۈكسەك ماھارەت ۋە ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان ئۇسسۇللار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇشتا پايدىسى كۆپ بىر خىل ئويۇندۇر.
مەسىلەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ <ساما ئۇسسۇلى> ناغرا، سۇنايغا تەڭكەش قىلىنىپ، بىر خىل رىتىملىق ھەرىكەت بىلەن ئوينىلىدىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل. <ساما> بىر قانچە يۈز كىشىنىڭ گاھ ئوڭ، گاھ سولغا قول كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ياكى ئالدىغا ياكى ئارقىغا نۆۋەت بىلەن تاشلانغان ئاياغ ھەرىكەتلىرى خۇددى بىرلا كىشى ئويناۋاتقاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئۇسسۇللارنىڭ رىتىمى كۈچلۈك بولۇپ، بىر مەيدان <ساما> ئۇسسۇلىنى ئويناپ بولغۇچە كىشىلەر چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇلچىلارنى ئالساق ئۇلارنىڭ تېنى ساغلام، خېلى ياشانغان ئۇسسۇلچىلارمۇ ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ياشلاردەك تېتىك، روھلۇق كېلىدۇ.
Example
ئۇ كۈيلىك ناخشا بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇسسۇلنى باشلىدى.
Translation: She started her dance with a melodic song.
dance
Reference
ئۇسسۇل
ئىنسانلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى باشتىن - ئاياغ سىر بولۇپ كەلدى. چۈنكى، ئۇسسۇل ئادەم بەدىنى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. ئىنسانلار پەيدا بولغان دەسلەپكى چاغلاردا سىن ئېلىش، كىنوغا ئېلىش قاتارلىق خاتىرە قىلىپ ساقلايدىغان ئىلمىي ئۇسۇللار ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا يېزىقمۇ كەشىپ قىلىنمىغانلىقتىن، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى خاتىرىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان. لېكىن، ياۋروپادا تارىختىن بۇرۇن ساقلانغان بەزى ئۆڭكۈرلەردىكى تام رەسىملىرىدە ئىپادىلەنگەن ئۇسسۇل ئوبرازلىرىدىن قارىغاندا، ئەينى دەۋردە ئۇسسۇل خېلى يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان. شۇڭا، كۆپ سانلىق سەنئەت تارىخشۇناسلىرى ئۇسسۇل ئىنسانىيەت بىلەن تەڭلا مەيدانغا كەلگەن، دەپ قارىماقتا.
تىل ۋە يېزىق بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، ئىپتىدائىي ئادەملەر ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈشتە ئىنساننىڭ پسىخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ئادەم بەدىنى ھەرىكىتىگە تايانغان. ئادەم بەدىنىدىكى بۇ خىل »ئۈنسىز تىل« ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن قوللانغان مۇناسىۋەت ۋاسىتىسى، شۇنداقلا ئۇلار ئۆز بەدەن شەكلى ئارقىلىق ئىدىيە، ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن يېزىقسىز سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، ئۇ پەخىرلىك ھالدا «سەنئەتنىڭ ئانىسى» دېيىلىدۇ.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە مەخسۇس ئۇسسۇلچىلار بولمىغان. ئۇنى كوللېكتىپ ئىجاد قىلغان ۋە ئورۇندىغان، ئۇنىڭغا قەبىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرى قاتناشقان. ئەمگەك ھاسىلاتىنى تەبرىكلەش ياكى جەڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشتا بولسۇن، كۆپچىلىك توپلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىغان. قەدىمكى رىۋايەتلەردە ئۇسسۇلغا ئالاقىدار نۇرغۇن ۋەقەلەر ھېكايە قىلىنغان. ئالايلۇق، «يۆلەنچۈك كەلدى» دېگەن رىۋايەتتە فۇشىشېنىڭ تور توقۇپ بېلىق تۇتۇشنى ئىجاد قىلغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلغان، شۇنداقلا سۇمۇرغ كېلىپ ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. «چۇڭلې» دا ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەنگەن.1973
- يىلى كۈزدە ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بىر قەبرىدىن ئىچكى دىۋارىغا ئۇسسۇل شەكىللىرى سىزىلغان رەڭلىك ساپال قاچا تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىچكى دىۋارىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئۈچ گۇرۇپپا بولۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئادەملەرنىڭ رەسىمى سىزىلغان. رەسىمدە ھەربىر گۇرۇپپىدا بىر خىل كىيىنگەن بەش ئادەمنىڭ قول تۇتۇشۇپ رەتلىك ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلمىي باھالاپ بېكىتىشىچە، بۇ رەڭلىك ساپال قاچا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە، يەنى ئېلىمىز رىۋايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭدىن5000 ~5800 يىل بۇرۇنقى يەندىدىن خۇاڭدىغىچە بولغان دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەن. بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا ئېلىمىزدە بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت، بىرلىككە كەلگەن قەدەمگە ئىگە كوللېكتىپ ئۇسسۇل بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
About this entry
This is a xx–xx dictionary entry.
Sourced from Reference in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.