Chinese→UyghurMain Dictionary
二征起义
دۇنيا تارىخى
جېڭ سې، جېڭ ئېر قوزغىلىڭى
مىلادى Ⅰ ئەسىردە، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھىندىچىنى ئايمىقى (ھازىرقى ۋيېتنام) دىكى خەلقنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. جېڭ سې، جېڭ ئېر ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن فېڭجۇ ۋىلايىتى مىلىن ناھىيىسىنىڭ سپاھ بېگىنىڭ قىزلىرى ئىدى. جېڭ سې جۇيۈەن ناھىيىىسنىڭ سپاھ بېگىنىڭ ئوغلى شىغا (شى سو دېگەنلەرمۇ بار) ياتلىق بولغان: مىلادى 40-يىلى، ھىندىچىنى ئايمىقىنىڭ ھاكىمى سۇدىڭ ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەمدە ئۇنى <قانۇن بىلەن جازالىماقچى> بولغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن جېڭ سې سىڭلىسى جېڭ ئېر بىلەن ئەسكەر باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئايماق قەلئەسىنى ھۇجۇم بىلەن ئەسكەر باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئايماق قەلئەسىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. سۇدىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەرەپكە قاچقان. جيۇجېن، رىنەن، خېپۇ قاتارلىق جايلار قوزغىلاڭغا بەس بەستە ئاۋاز قوشۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئايماق قەلئەسىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. سۇدىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەرەپكە قاچقان. جيۇجېن، رىنەن، خېپۇ قاتارلىق جايلار قوزغىلاڭغا بەس - بەستە ئاۋاز قوشۇپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن كەينى - كەينىدىن 65 قەلئەنى ئىشغال قىلغان، جېڭ سې مىلىندە ئۆز ئالدىغا خان بولۇۋالغان. 42-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى تىنچىتقۇچى سانغۇن مايۈەننى ئەسكەر باشلاپ باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى، جېڭ سې بىلەن جېڭ ئېرلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن شەرقىي خەن سۇلالىسى ھىندىچىنى جيۇجېن ۋە رىنەندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماققا(ھازىر ھەمىسى ۋيېتنامدا) قارىتا ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ناھىيە بېگى، ناھىيە سپاھ بېگى تۈزۈمى(ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تۈزۈمى) نى بىكار قىلىپ، شۇ جاينىڭ فېئوداللىشىش سۈئىتىنى تېزلەتكەن. ئادەتتە جېڭ سې، جېڭ ئېر قوزغىلىڭى مۇشۇ جاينىڭ فېئودالىزم جەمئىيىتىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ.