Chinese→UyghurMain Dictionary
耳
بىئولوگىيە
قۇلاق
بەزى ھايۋانلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرىدىغان ئورگىنى. ھايۋانلارنىڭ تۈرى ئوخشىمىغانلىقتىن قۇلاقنىڭ تۈزۈلۈشى ھەم فۇنكسىيىسىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئادەم ۋە ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ قۇلىقى تاشقى قۇلاق، ئوتتۇرا قۇلاق، ئىچكى قۇلاقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. تاشقى قۇلاق، قۇلاق سۇپرىسى ھەم تاشقى قۇلاق يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇلاق سۇپرىسىنىڭ تىرەك جازىسى كۆمۈرچەك بولغاچقا ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنلىرىنى يىغىش رولىنى ئوينايدۇ (بەزى ھايۋانلارنىڭ مەسىلەن، توشقان، ئىت قاتارلىقلارنىڭ قۇلاق سۇپرىسى ئاۋاز دولقۇنى كېلىۋاتقان تەرەپكە ئايلىنالايدۇ). ئادەمنىڭ قۇلاق سۇپرىسىدا قۇرۇق يىڭنە سانجىلىدىغان پەللە بولىدۇ. تاشقى قۇلاق يولى ئەگرى توقاي بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قۇلاق ئىچىگە كىرىش يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دىۋارىدا قۇلاق سېغىزى بېزى بولۇپ، سېرىق شىلىمشىق ماددا (قۇرۇغاندىن كېيىن قۇلاق كىرىگە ئايلىنىدۇ) ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇ ئۇششاق ھاشاراتلارنىڭ قۇلاققا كىرىپ زىيان سېلىشىدىن ساقلاش رولىغا ئىگە. ئوتتۇرا قۇلاق ناغرىخانا، يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى، ناغرا كاۋىكى ۋە ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە دالانچىلىرى قاتارلىق تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناغرىخانا چېكە سۆڭەك ئىچىگە جايلاشقان، تاشقى يان دىۋارىدا بىر قەۋەت نېپىز پەردە يەنى ناغرىخانا پەردىسى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق تاشقى قۇلاق بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى، ناغرىخانىنىڭ ئالدى دىۋارى بىلەن يۇتقۇنچاقنى تۇتاشتۇرىدىغان قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ناغرىخانىدا ئۈچ پارچە كىچىك ئاڭلاش سۆڭىكى يەنى بولقا سۆڭەك، سەندەل سۆڭەك، ئۈزەڭگە سۆڭەكلەر بولۇپ، ئۇچى تارىمۇشلار ئارقىلىق ئۆز - ئارا تۇتىشىدۇ. بولقا سۆڭەك يەنە ناغرا پەردىگە، ئۈزەڭگە سۆڭەك يەنە ئىچكى قۇلاققا تۇتىشىدۇ. ئاڭلاش سۆڭەكچىلىرى سىرتقى ئاۋاز دولقۇنلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ناغرا پەردە تەۋرىنىشىنى ئىچكى قۇلاققا يەتكۈزۈپ ئاڭلاش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ. يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى ناغرا پەردىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھاۋا بېسىمى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ناغرا پەردىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ئىچكى قۇلاق يەنە <ئېزىتقۇ يول> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۆڭەك ئېزىتقۇ يولى ۋە پەردە ئېزىتقۇ يولىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۆڭەك ئېزىتقۇ يولىدا قۇلاق قۇلۇلىسى، دەھلىز ۋە ئۈچ دانە سۆڭەك يېرىم ئايلانما نەيچىسى بولىدۇ. پەردە ئېزىتقۇ يولىدا قۇلۇلە قانىلى، سوقىچاق خالتا، شارسىمان خالتا ۋە ئۈچ دەنە پەردە يېرىم ئايلانما نەيچىسى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ قۇلۇلە قانىلى ئاڭلاش سېزىمىغا مۇناسىۋەتلىك، دەھلىز ھەم يېرىم ئايلانما نەيچىلەر ئورۇن سېزىمى (تەڭپۇڭلۇق سېزىمى) گە مۇناسىۋەتلىك.
ئۇنىۋېرسال
ěr
قۇلاق
قۇلاقسىمان نەرسىلەر
يان ئۆي، يان تەرەپ
دانلىق زىرائەتلەرنىڭ يامغۇردىن كېيىن چىقارغان بىخى
قۇياش گالوسى، قۇياشنىڭ قۇلىقى
ئاڭلىماق، ئىشىتمەك
قۇلاق سالماق، بېرىلىپ ئاڭلىماق
ئىبارەت، خالاس دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ
而 بىلەن ئوخشاش
ئېر )فامىلە(Dئادەم ئاناتومىيىسى
ěr
قۇلاقDتېببىي
ěr
قۇلاقDئېلېكترون، ئۇچۇر
ěr
كۆپمە يۈزلۈكDئېلېكترون، ئۇچۇر
ěr
كۆپمە يۈزلۈك