Chinese→UyghurMain Dictionary
桑给巴尔革命
دۇنيا تارىخى
زانزىبار ئىنقىلابى
زانزىبار خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، فېئودال سۇلالىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يلىدىكى ئىنقىلابى. 1956-يىلى مىللەتپەرۋەرلەر ئافرىقا - شىراز پارتىيىسىنى قۇرۇپ، مۇستەملىكىچىلىك زۇلۇمنى تۈگىتىشنى، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1963-يىلى قانۇن تۈزۈش يىغىنىدىكى سايلامدا، ئافرىقا - شىراز پارتىيىسى ئازلا ئوشۇق كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈلمە يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان. 1964-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئافرىقا - شىراز پارتىيىسى ۋە ئۇما پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، زانزىبار خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سۇلتانلىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، زانزىبار خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، ئافرىقا - شىراز پارتىيىسىنىڭ يولباشچىسى كارۇمې (1906 - 1972) زۇڭتۇڭ بولغان. شۇ يىل 4-ئاينىڭ 62-كۈنى زانزىبار بىلەن تانگانىكا قوشۇلۇپ تانگانىكا - زانزىبار بىرلەشمە جمھۇرىيىتىنى تەشكىل قىلغان، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى نامى تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.