Chinese→UyghurMain Dictionary
格奈森瑙
دۇنيا تارىخى
گنىيىسېناۋ
(1760 - 1831) گېرمانىيە ھەربىي ئىشلار ئالىمى، پرۇسسىيە مارشالى. ۋەيران بولغان پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئېرفۇرت داشۆسىدە ئوقۇغان، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. كېيىن ئەنگلىيە ياللانما ئەسكىرى بولۇپ شىمالىي ئامېرىكىغا بېرىپ ئۇرۇش قىلغان. 1786 - يىلىدىن باشلاپ پرۇسسىيە ئارمىيسىىگە كىرىپ ئىشلىگەن. 1807 - يىلى كولبىرگ قورۇلىنىڭ قوماندانى بولغاندا فرانسىيەنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. شۇ يىلى شارنخورست قاتارلىقلار بىلەن <ھەربىي ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش ھەيئىتى> تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، پرۇسسىيە ھەربىي ئىسلاھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1809 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ناپولېئونغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بۇيرۇققا بىنائەن ئاۋسترىيە، روسىيە، شۋېتسىيە، ئەنگلىيىلەرگە بېرىپ مەخپىي دىپلوماتىك ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1813 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە شارنخورستنىڭ ئورنىغا پرۇسسىيە مارشالى بىلوگېرنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1815 - يىلى پرۇسسيە ئارمىيىسى ئۇنىڭ ستراتىگىيىلىك ئىدىيىسىگە ئاساسەن، ۋاتېرلوئو جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1818 - يىلى بېرلىننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1825 - يىلى مارشال بولغان. 1831 - يىلى پولشا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ۋاقتىدا، ئارمىيىدە ۋابا كېسىلى يۇقۇپ ئۆلگەن.