Chinese→UyghurMain Dictionary
格朗诺夫斯基
دۇنيا تارىخى
گرانوۋىسكى
(1813 - 1855) روسىيىلىك تارىخشۇناس. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1835 - يىلى پېتېربۇرگ داشۆسىنىڭ قانۇن پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن بېرلىن داشۆسىگە بېرىپ، گېگېل پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە رانكې قاتارلىق كىشلەرنى ئۇستاز تۇتقان. 1839 - يىلدىن تارتىپ موسكۋا داشۆسىدە دۇنيا ئومۇمىي تارىخى ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەر تارىخى ۋە دېھقانلار ئۇرۇشى تارىخى مەسىلسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. <غەرپچىلەر> گە مائىل بولۇپ، <سلاۋيانچىلار> بىلەن كەسكىن مۇنازىرلىشىپ، روسىيە بىلەن غەربىي ياۋرۇپا تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئورتاقلىقنى تەكىتلىگەن، يانچىلىق تۈزۈمىگە زەربە بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن <ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىن لېكسىيە> ۋە بىرنەچچە توملۇق خەت - چەكلەر توپلىمى بار.