UyghurMain Dictionary
ئاددىي كۆز
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ بىرخىل فوتورېتسېپتورى. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ كۆزنىڭكىدىن ئاددىي. ھاشاراتلارنىڭ ئاددىي كۆزىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇكەممەلرەك بولۇپ، ئۇلارنى ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ يېتىلگەن قۇرت، نىمفا ۋە بالا لىچىنكا (نائىياد) لارنىڭ ئاددىي كۆزى دۈمبە ئاددىي كۆز بولۇپ ئادەتتە ئۈچ دانە، باش قىسمىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى مۇرەككەپ كۆزى ئارىلىقىغا ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە تىزىلىپ جايلاشقان، نۇر يىغىش قىسمى چوڭ بىر قوش كۆپۈنكىلىك (لېنزا) مۈڭگۈز پەردە ھۈجەيرىلىرى، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدە نۇرغۇنلىغان كۆرۈش تاياقچىلىرى ۋە كۆرۈش ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. ئەتراپىدىمۇ كۆپىنچە پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ فۇنكسىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەقەت يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنىلا سېزەلەيدۇ. جىسىملارنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ؛ لىچىنكىسىنىڭ ئاددىي كۆزى يان ئاددىي كۆز دېيىلىپ، تۈزۈلۈشلىرى بىردەك بولمايدۇ؛ بەزىلىرى دۈمبە ئاددىي كۆزگە ئوخشاش ئاساسەن يورۇقلۇقنىڭ ئورنىنى بەلگىلىيەلەيدۇ، بەزىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى بەلگىلىك دەرىجىدە مۇرەككەپ كۆزنىڭ يەككە كۆزلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن، تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ لىچىنكىلىرى رەڭ ۋە شەكىللەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. يان ئاددىي كۆزلەرنىڭ سانىمۇ ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، پىلە قۇرتىنىڭ 12 بولىدۇ.