—Reference
ھېسابلاش قورالى
ماتېماتىكا بىلىملىرى
ھېسابالاش ئىنسانلارنىڭ بىر خىل تەپەككۇر پائالىيىتى. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھېسابلىشى ئاساسەن ساناشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار ئەڭ بۇرۇن پۇت - قول (پۇت، قول، پۇت - قول بارماقلىرى) ياكى ئەتراپىدىكى ئۇششاق تاشلار، قۇلۇلە قېپى، ئارغامچا قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سانىغان. جۇڭگونىڭ «بارماقلار بىلەنمۇ سانىغىلى بولىدۇ» دېگەن قەدىمكى سۆزى كىشىلەرنىڭ ئاددىي سانلارنى بارماقلىرىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر مۇزېيدا پىرودىن قېزىۋېلىنغان «گىف» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەدەنىي يادىكارلىق ساقلىنىۋاتىدۇ. مەنىسى تۈگۈنچەكلىك ئارغامچا دېگەنلىك بولىدۇ. بۇرۇنقى كىشىلەر گىفتىن پايدىلىنىپ سانىغان ۋە ئىش خاتىرىلىگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن6 ئەسىر بۇرۇن پرىسىيە پادىشاھى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا بىر قىسىمغا كۆۋرۈك ساقلاشنى بۇيرۇغان، ئۇ كۆۋرۈك ساقلايدىغان سەركەردىگە تۈگۈنچەك تۈگۈلگەن بىر تاسمىنى بېرىپ، كۆۋرۈكنى بىر كۈن ساقلىسا بىر تۈگۈنچەكنى يېشىشنى، تاسمىدىكى ھەممە تۈگۈنچەكلەرنى يېشىپ بولغاندا قايتىشنى ئېيتقان.
ئېلىمىزنىڭ يېزىق بولمىغان قەدىمكى دەۋرىدە، كىشىلەر ئارغامچا تۈگۈش يولى بىلەن ساناق سانىغان ۋە ئىش خاتىرىلىگەن. بىر ئىشقا بىر تۈگۈن، چوڭ ئىشقا چوڭ تۈگۈن، كىچىك ئىشقا كىچىك تۈگۈن تۈگكەن، بىرەر ئىشنى بېجىرىپ بولسا، بىر تۈگۈننى يەشكەن.
قەدىمكى كىشىلەر تۈگۈن بىلەنلا ئەمەس، ئۇششاق تاش ياكى باشقا قوراللار بىلەنمۇ ساناق سانىغان. مەسىلەن، ئۇلار پادا بېقىپ ئەتىگەندە قوتاندىن قوي چىقارغاندا، ھەربىر قوي ئۈچۈن كۈپكە بىر تاش تاشلىغان، كەچتە قويلارنى قوتانغا ئەكىرگەندە، بىر قوي ئۈچۈن كۈپتىن بىر تاش ئالغان، كۈپتىكى تاشلارنىڭ ھەممىسى تۈگىسە قويلارنىڭ تولۇق كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، تاشلار ئېشىپ قالسا قوي يوقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال بېرىپ ئىزدىگەن.