Chinese→UyghurMain Dictionary
斯大林
دۇنيا تارىخى
ستالىن
(1879. 12. 21 - 53.1953). ئۇلۇغ ماركسىزم - لېنىنىزمچى، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ داھىيىسى. ئەسلى فامىلىسى جۇگاشىۋىلى بولۇپ، گرۇزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان موزدوز، ئانىسى يانچىنىڭ قىزى ئىدى. 1894 - يىلى تىفلىس (ھازىرقى تىبلىس) دىنىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1898 - يىلى تىفلىستىكى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تەشكىلاتىغا قاتناشقان ھەمدە شۇ مەزگىلدىن باشلاپ ماركس، ئېنگلس ۋە لېنىنلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغان، ئىشچىلار ئىچىدە تەشۋىق قىلىپ، ئىش تاشلاشقا ئۇيۇشتۇرغان. ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى تۈپەيلىدىن، 1899 - يىلى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي ئىنقىلاپچىغا ئايلانغان. لېنىن 1900 - يىلى <ئىسكرا> گېزىتىنى تەسىس قىلغان چاغدىن باشلاپ، ئۇ بۇ گېزىتنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تامامەن قوللاپ، لېنىننى ھەقىقىي ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيىنىڭ داھىيىسى ۋە ئۇستازى دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1901 - يىلى 11 - ئايدا روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيسى تىفلس كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، جەنۇبىي كاپكاز رايونىدا لېنىننىڭ <ئىسكرا> گېزىتىئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ماركسزمغا قارشى ھەرخىل گورۇھلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1903 - يىلى ئۆزى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كاپكاز ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1904 - يىلى 12 - ئايدا باكو نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى تامورفۇس (فىنلاندىيىدە)دا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن روسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، لېنىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. 1912 - يىلى پارتىيىنىڭ 6 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى (پراگا ۋەكىللەر يىغىنى)دا، ئۆزى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مەركىزىي كومىتىت روسىيە بيۇرۇسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇيىلى ئەتىيازدا، لېنىننىڭ يوليۇرۇقىغا بىنائەن، <پراۋادا> گېزىتىنى تەسىس قىلغان. <ماركسىزم ۋە مىللىي مەسىلە> دېگەن كىتابنى يېزىپ، ماركسزمنىڭ مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ۋە پروگراممىسىنى شەرھلەپ،لېنىننىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1902 - يىلدىن 1917 - يىلغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىي يەتتە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ئالتە قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، سۈرگۈندىن بەش قېتىم قېچىپ كەلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنىلا سۈرگۈندە بولغان. ئەمما ئۇرۇش، تىنچلىق ۋە ئىنقىلاپ مەسىلىسىدەلېنىننىڭ ئىنتىرناتسىئوناللىزىملىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيال شوۋېنىزىمنى ئەيىبلىگەن. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن <پراۋدا> غا رەھبەرلىك قىلغان. پۈتۈن روسىيە بولشىۋىكلار پارتىيىسىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى (ئاپرىل ۋەكىللەر يىغىنى ) غا قاتنىشىپ، لېنىننىڭ بورژۇئازىيە دېمۇكراتىك ئىنقلابىدىن سوتسىيالىستىك ئنقىلابقا بۇرۇلۇش لۈشىيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلغان ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 7 - 8 - ئايلاردا پارتىيىنىڭ 6 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتىتېنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدا دوكلات قىلىپ، پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزىمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ۋەزىپىسى ۋە تاكتىكىسىنى شەرھلىگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 10 - ئايدىكى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، قۇراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىق قىلىدىغان پارتىيە باش شىتابىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە مىللىي ئىشلار خەلق كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە مىللىي مەسىلە>، <يەنە مىللىي مەسىلە توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىلەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەركىتىنىڭ پرولتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقى توغرىسىدىكى نەزەرىيەنى دەلىللىگەن. 1918 - 1920 -يىللاردىكى سوۋېت دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غەربىي فرونت، جەنۇبىي فرونت، ۋە غەربىي جەنۇبىي فرونت ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1922 - 4 - ئايدىكى پارتىيىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيىدا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكىرتارلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 12 - ئايدىكى پۈتۈن روسىيە سوۋېتلەر 1 - قۇرۇلتىيىدا، سوۋېت سوتسىيالىستىك رېسپبلىكىلار ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى) قۇرۇش توغرىسىدا دوكلات قىلغان ھەمدە رېسپولىكىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. لېنىن 1924 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ستالىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لېنىنىزىم ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە خەلقگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى پرولتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەتنى قوغدىغان ھەمدە مۇستەھكەملىگەن؛ مەملىكەت ئىچىدە سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش لۈشىيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <لېنىنىزىم ئاساسلىرى توغرىسىدا>، <ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە روسىيە كۇممىنىستلىرىنىڭ تاكتىكىسى>، <لېنىنىزىم مەسىلىلىرىگە دائىر>قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1936 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1941 - يىلى 5 - ئايدا ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسىيارىياتىنىڭ رەئىسى بولغان. 6 - ئايدا دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 8 - ئايدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىقىنى قۇشۇمچە ئۆتەپ، سوۋېت ئىتتىاقى ۋە ئارمىيىسى ۋە خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، فاشىزىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1946 - يىلى 3 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتى مىنىستىرلار سپۋېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2195 - يىلى 10 - ئايدا سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي بيۇروسى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ سىكېرتارى بولغان. 1950 - يىلى <ماركسىزىم ۋە تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرى> نى يېزىپ، ئىقتىسادىي بازس ۋە ئۈستقۇرۇلما، تىل، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەلىللىگەن. 1952 - يىلى <سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوتسىيالىزىمنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى> نى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادتىكى نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. 1953 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كىسەلدىن ساقىيالماي ۋاپات بولغان.