UyghurMain Dictionary
دىتلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆڭۈلدە ئويلىماق، كۆڭۈلدە كەچۈرمەك.
ھەربىر ئائىلە كىشىلىرى تونۇر بېشىدا، ئوچاق ئالدىدا، داستىخان ئۈستىدە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدا - مەنپەئىتى، زىيان - تەسىرلىرى ھەققىدە ئەقىللىرى يەتكەن يېرىگىچە دىتلاپ كۆرۈشتى.
كۆڭۈلگە پۈكمەك، ئويلىماق.
ئۇ ئۈچ ئايدىن بېرى كۆڭلىدە ھېلىقى قىزنى دىتلاپ يۈرەتتى.
تەخمىن قىلماق، مۆلچەرلىمەك.
تۆمۈر ئاتا ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ھەممىنى كۆزىتىپ دىتلاپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىدى.