UyghurMain Dictionary
بەندە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قۇل، ئەركىسز كىشى:
تۇتقۇن، ئەسىر:
مەھلىيا:
مەن سۇلايمانى زەماندىن ماڭا يەتسە مەرتىبە،
بەندە بولۇپ ئىشىكىڭدە دەۋر سۈرمەك ياخشىراق.
قەلەندەر.
2. ئۇلۇستا مۇستەھىقلەرنى قىلىپ شاد،
ھەم ئول دەم بەندىلەرنى قىلدى ئازاد.
لۇتقى.
3. نۇش قىلىپ جامى مەبى لالە گۈن،
بەندە قىلاي پارەئى بىزور جۇنۇن.
كەمىنە، پېقىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قۇل، تۇتقۇن، ئەسىر: بەندەۋار - قۇللارچە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەركىدىن ئايرىلغان، پۈتۈن تەقدىرى خوجىسىنىڭ ئىختىيارىدا بولغان كىشى.
«بەندە» ئاللا ئالدىدىكى قۇل.
قۇل ئىشلەپ، بەگدەك يە. قۇلنىڭ ناخشا ئېيتقىنى شادلىقتىن ئەمەس، ئاچلىقتىن. ئەقىل بىلەن يانچى بولار ئازاد. بەندىنىڭ نومۇسى يۈزىدە.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «قۇل»، «مالاي» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىگە ئاساسەن ئىنسان ئاللانىڭ بەندىسى بولغاچقا، مۇسۇلمانلار ئۆزىنى شۇنداق دەپ ئاتاپ، ئاللاغا ئىخلاس بىلەن بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<دىن> دىنىي ئېتىقاد بويىچە خۇداغا ئىشەنگەن ۋە ئۆز ئىختىيارى ھەم تەقدىرى خۇدانىڭ ئىلكىدە بولغان ئادەم، خۇدانىڭ قۇلى.
ئاغىنىلەر، خۇدايىم بەندەمنى كەچ قويسام قويارمەن، ئاچ قويماسمەن دەپتىكەن، قانداقلا بولمىسۇن قونالغۇغا كېلىۋالدۇق.
(جانلىقلارغا نىسبەتەن) ئادەم، كىشى.
مۆمىن بەندە،
كۆچمە. مەستانە، ئاشىق.
كىتاب بەندىسى.