UyghurMain Dictionary
ۋارويە خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە فېئودال خاندانلىقى (1328 - 1589). 1328 - يىلى كاپې خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كورۇلى چارلېس Ⅳ (كېلىشكەن يىگىت) ئۆلگەندىن كېيىن، ۋارىسى بولمىغاچقا، كاپې جەمەتىنىڭ تارمىقى بولغان ۋارويە جەمەتىدىن فىلىپ Ⅵ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋارويە خاندانلىقىنى قۇرغان ۋە 100 يىللىق ئۇرۇش (1337 - 1453) مەزگىلىدە، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بىر مەھەل ئاجىزلاپ كەتكەن. 1358 - يىلى جاكورېي قوزغىلىڭى پارتلىغان ۋە ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيىنىڭ سىياسىي بىرلىكى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشمىغان. ⅩⅥ ئەسىردىن باشلاپ پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈم يولغا قويۇلغان. 1589 - يىلى بوربون خاندانلىقى ئۇنىڭ ئورنىنى دەسسىگەن. تارىختىكى كورۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرى مۇنداق:
فىلىپ 4 (1328 - 1350)، جون 2 (1350 - 1364)، چارلېس 5 (1364 - 1380)، چارلېس 6 (1380 - 1422)، چارلېس 7 (1422 - 1461)، لۇئى 11 (1461 - 1483)، چارلېس 8 (1483 - 8149)، لۇئى 12 (1498 - 1515)، فرانسوس 1 (1515 - 1547)، ھېنرى 2 (1547 - 1559)، فرانسوس 2 (1559 - 1560)، چارلېس 9 (1560 - 4157)، ھېنرى 3 (1574 - 1589).