—Reference
نىل دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دەريانىڭ بىرى، ئۇنىڭ غول ئېقىنى بۇرۇندى، تانزانىيە، ھوۋاندا، ئۇگاندا، سۇدان، مىسىرلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6670 كىلومېتىر، كۆلىمى 2 مىليون 870 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېپوپىيە، كېنىيە، زايىرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرى ئېقىنى بولغان كاگرا دەرياسى ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ غەربىدىكى يىل بويى كۆپ يامغۇرلۇق تاغلىقلار ئارىسىدىن باشلىنىدۇ. ۋىكتورىيە، مومبوتو كۆللىرىدىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ چىققاندىن كېيىن ئاق نىل دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ۋېكتورىيە نىل دەرياسى، ئالبېرت نىل دەرياسى ۋە سۇدان دائىرىسىدىكى ئاق نىل دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا كۆللەر كۆپ بولۇپ، سۇنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، ئېقىن مىقدارىدا ئۆزگىرىش ئاز بولىدۇ، ۋىكتورىيە كۆل ئېغىزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 600 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، سۇدان دائىرىسىدىكى جوباغا كەلگەندە كۆپىيىپ 870 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. خارتوم شەھىرىنىڭ يېنىدا كۆك نىل دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن نىلدەرياسىنىڭ ئاساسىي ئېقىنى شەكىللىنىپ، سۇ مىقدارى كۆپىيىدۇ، سۇ مىقدارىدا ئۆزگىرىش كۆپ بولىدۇ. ئاتباراغا كەلگەندىن كېيىن ئاتبارا دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ، ئاسىۋان رايونىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2600 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. شىمالغا قاراپ ئېقىپ سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن ئۆتىدۇ. بۇ جايدا دەريا قوشۇلىدىغان تارماقلار يوق. دەريانىڭ قاھىرە شەھىرىدىن شىمالىي قىسمىدا 25 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن. بۇ جايدا نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. دەريانىڭ ئېقىش دائىرىسى تروپىك ئورمان، ساۋاننا، ۋە قۇملۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا شارقىراتمىلار كۆپ، سۇ كۈچى بايلىقى ناھايىتى زور. ناسىر سۇ ئامبىرى ياسالغان. بۇ ئامبارغا 157 مىليارد كۇب مېتىر سۇ سىغىدۇ. بۇ جايدا ياسالغان ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئېلىنىدۇ.