UyghurMain Dictionary
دۇېرگې
دۇنيا تارىخى
(1863 |- 1937) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1924 - 1931). دەسلەپ قانۇن ئۆەىنىپ، كېيىن ئادۋوكاتلار ئىشخانىسى تەسىس قىلغان. 1885 - 1893 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھىندىچىنى ۋە ئالجىرىيە مۇستەملىكە ئورگىنىدا ئەدلىيە ئەمەلدارى بولغان. 1893-يىلى پارلامېنتقا قاتنىشىپ، فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى پائال قوللاپ كەلگەن. 1910-يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى بولغان. 1923 - 1924 - يىللىرى ئالىي پالاتا باشلىقى بولغان. مۇستەملىكە ئىشلىرى مىنىستىرى (1902 - 1905، 1914 - 1917-يىللىرى)، سودا مىنىستىرى (1906 - 1909) ۋە ئومۇمىي مائارىپ مىنىستىرى (1908 - 1910) بولغان 1913 - 1914-يىللىرى رادىكال سوتسىيالىستلار كابىنېتىنى تەشكىللەپ، زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1917-يىلىنىڭ باشلىرى فرانسىيە ھۆكۈمەت ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ روسىيدە زىيارەتتە بولۇپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1934-يىلى 2-ئايدا فاشىستلار توپىلىكىدىن كېيىن، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ زۇڭلى بولغان. مۇرەسسەچىلىك سىياسەتنى ئىشقا ئاشۇرالماي، شۇ يىلى 11-ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.