UyghurMain Dictionary
سېلىنچا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ياتقاندا ئۈستىگە يېپىنىدىغان، ئولتۇرغاندا ئاستىغا سالىدىغان نەرسە. ئادەتتە تاش بىلەن ئەستەر ئىچىگە پاختا، يۇڭ، پەر سېلىپ تىكىلىدۇ.
<تۆشەك> ئومۇمىي نام.
<يېپىنچا>، <يوتقان> ئومۇمەن ئۈستىگە يېپىنىدىغىنى.
<سېلىنچا>، <كۆرپە> ياتقاندا ئاستىغا سې
يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن. قارا - قارا يەرنىڭ كۆرپىسى. كۆرپەڭنى قانداق سالساڭ، چۈشۈڭنى شۇنداق كۆرەرسەن. يەنى سېلىنچا، كۆكنى يېپىنچا قىلىپ كەلدىم. مېھمانغا يېكەنداز سال، كۆڭلىنى ئال.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياتقاندا ئاستىغا سېلىپ ياتىدىغان.
يېپىنچا، يوتقان
ياتقاندا ئۈستىگە يېپىنىپ ياتىدىغان.
ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. يالىڭاچلار يۇرتىدا يېپىنچا ياپقانلارنى ساراڭ دەيدىكەن. دوڭدىكى دوڭدادى، يوتقىنى كالتا ئىكەن پۇتۇمنى توڭدادى. كۆرپەڭ يالاڭ بولسىمۇ، كۆڭلۈك توق بولسۇن.
شىۋىلەر
كۆرپە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئولتۇرغاندا، ياتقاندا ئاستىغا سالىدىغان كىگىز، كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەر.