UyghurMain Dictionary
براخما
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى براخمان دىنىنىڭ ئالىي ئىلاھى. <ۋېدا> رىۋايەتلىرىدە ئالەمنى ياراتقۇچى كۈچ، كائىناتنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. براخمان دىنى ئالەمدىكى بارلىق ھادىسىلەر خىيالىي بولىدۇ. پەقەت براخما (دۇنيا روھى) چىن مەۋجۇت بولىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بىراخما ھىندى دىنىدىكى ئۈچ چوڭ ئىلاھنىڭ بىرى بولۇپ، ۋىسنۇ ۋە سىۋا بىلەن <ئۈچى بىر گەۋدە> دەپ قارىلىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ئەزرۇئا> غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سانسىكرىتچە
دىن
ھىندىلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىدە بارلىقنى ياراتقۇچى، تەڭرى، خۇدا.