Chinese→UyghurMain Dictionary
法越战争
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - ۋيېتنام ئۇرۇشى
فرانسىيەنىڭ ۋيېتنامنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى بىر قاتار تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى. 1858 - 1862 - يىللىرى فرانسىيە مىسسىئونېرلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئىسپانىيە بىلەن بىرلىشىپ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. ۋيېتنام رۇەنشى سۇلالىسىنى بىرىنچى قېتىملىق <سايگون شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان. نەنچىننىڭ شەرقىدىكى بيەنخې، جيادىڭ ۋە دىڭشياڭ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ۋە كۇنلۇن ئارىلى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن؛ ئارقىدىنلا يەنە نەنچىننىڭ غەربىدىكى ئۈچ ئۆلكىگە تاجاۋۇز قىلغان. 1873 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى بىرىنچى قېىتم بېيچىنگە تاجاۋۇز قىلىپ، خانۇينى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ۋيېتنام ئارمىيە - خەلقى ۋە جۇڭگونىڭ مۇساپىر بولۇپ ۋيېتنامغا كەلگەن قارا تۇغلۇق قوشۇنىنىڭ بىرلەشمە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1874 - يىلى ۋيېتنام ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈردىغان ئىككىنچى قېتىملىق <سايگون شەرتنامىسى>نى تۈزۈشكە مەجبور بولغان. 1882 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە بېيچىنگە تاجاۋۇز قىلىپ، قارشىلىققا ئۇچرىغان ۋە فرانسىيە قوماندانى رىۋېرې قارا تۇغلۇق قوشۇنى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى شۇنخۇاغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنى بىرىنچى قېىتملىق <شۇنخۇا شەرتنامىسى>نى تۈزۈشكە مەجبورلىغان. فرانسىيە داۋاملىق تۈردە شىمالغا تاجاۋۇز قىلىپ، جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1884 - يىلى 6 - ئايدا ۋيېتنامنى ئىككىنچى قېتىملىق <شۇنخۇا شەرتنامىسى>نى تۈزۈشكە مەجبورلىغان، ۋيېتنام شۇنىڭدىن تارتىپ فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان.