UyghurMain Dictionary
يارىماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئېچىلماق؛ پارقىرىماق، <يارۇماق> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مۇئەييەن تەلەپكە ماس كەلمەك، لايىقلاشماق، ياقماق.
خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ (ماقال).
ئېشى يارىسا، قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا، ئانىسىغا قارىما (ماقال).
ئۇنىڭغا ھەممىدىنمۇ بەك ياراپ كەتكىنى ئىناق كوللېكتىپ تۇرمۇش ئىدى.
كارغا، كېرەككە كەلمەك، ئەسقاتماق.
مەن كېيىن ئىشقا يارىغۇدەك بولغاندا ئاتام بىلەن يېزىمىزدىكى ھاجىبايغا چاكار بولۇپ ئىشلەپ يۈرۈپ تاغدا قوي باقتىم.
لايىقلاشماق، مۇۋاپىق، ماس كەلمەك، ئەرزىمەك.
ئەڭ كەم ھېسابلىغاندىمۇ ھەر مو يەردىن بەش مىڭ تۈپ تېرەك قەلەمچىسى ئۆستۈرسەڭ، ھەربىرىنى بىر كويغىچە ساتساڭ. يىگىرمە مو يەرنىڭ كۆچىتى بىر ساندۇق پۇلغا يارايدۇ.
<جايىدا، ياخشى، بولىدۇ، لايىق، كۆڭۈلدىكىدەك ئىش قىلالايدۇ> دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
— ئوردىغا مۇشۇ خەتنى يازغان بەختىيار ئىسىملىك بالا يارايدىكەن،— دەپتۇ پادىشاھ.