UyghurMain Dictionary
ئاللا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، دۇنيانى ياراتقان ۋە ئۇنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان زات، ئىسلام دىنىدا ئىلاھ.
خۇدا قارغۇغا قانداق قارىسا، قارىغۇمۇ خۇداغا شۇنداق قارايدۇ.ئاللانىڭ ئالقنىدىكىدىن باشقىنى سورىما. ئاللاتائالا تۈلكىگە ئارسلاننىڭ ھەيۋىسىنى بەرمىگەي. با رەببى، ئۆز پاناھىڭدا ساقلا. رەببانا بەرمىگەننى موللا نەدىن بىرەر. ئىلاھا، تازغا تىرناق بەرمىگەيسەن. تەڭرى گۆشنى چىشى يوققا بىرەر. تەلۋە ئات مىنسە تەڭرىنى ئۇنتار. ياخشىلىق قىل، بالىق بىلمىسە، خالىق بىلەر. ھەقتائالا بەرمىگەننى باي بەرمەس. ياراتقان ئىگەم، مەن ساڭا دوست، كەلگەن بالانى توس. ياراتقان ئىگەم يار بولسا، يەر يۈزى ياۋ بولسىمۇ مەيلى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇ يەردە، ئومۇمەن ئىلاھ، ياراتقۇچى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
بەندە
ياراتقۇچىنىڭ قۇلى.
خۇدادىن نالىما، بەندىدىن رەنجىمە. يا خۇدادىن قورقمىغان، يا بەندىدىن ھېيىقمىغان. خۇدانىڭ بەزى كۈنلىرىدىن ئۆرگىلەي، بەزى كۈنلىرىنىڭ كۆتىگە تېپەي. ئاللانىڭ ئالىقىنىدىكىدىن باشقىنى سورىما. ھەق سۆزلە، بەندىگە ياقمىسا، ئاللاغا ياقىدۇ. ئاللا بەرسىمۇ، ئاغزىڭغا سېلىپ قويمايدۇ. ئانىسىدىن كەچكەن ئاتىسىدىنمۇ كېچەر. ياخشىلىق قىل، بەندىدىن يانمىسىمۇ خۇدا كۆرەر.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىسلام دىنى ئىمان كەلتۈرىدىغان بىردىنبىر ئىلاھدۇر. پارس، ئوردۇ، تۈرك تىللىرىنى قوللىنىدىغان مۇسۇلمانلار <خۇدا> دەيدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە <پەرۋەردىگار> دېيىلىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ كۆپىنچىسى <ھەقىقەت> دەيدۇ. ئاللا ئەرەبلەردىكى قەدىمىي ئىلاھ بولۇپ، قەدىمىي جەنۇبىي ئەرەب تىلىدىكى يازمىلاردا ئىلاھنىڭ نامى قىلىنغان. نەبت، پالمىرا (ھازىر سۈرىيىگە تەۋە) دىكى ئەرەبلەر ئادەم ئىسمىدا قوللانغان. شىمالىي ئەرەبلەرنىڭ بەزى چارۋىچى قەبىلىلىرىدە كىچىك ئىلاھلارنىڭ بىرى قىلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەت ھۆرمەتلەنگەن. مىلادىيە Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن ئىلگىرى يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ تەسىرىدە <بەيتۇللا ئىگىسى> ۋە <ئۈچ ئىلاھە (لات، ئۇززا ۋە ماناتلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نىڭ دادىسى> سۈپىتىدە ئالىي ئىلاھ توغرىسىدىكى مۇجمەل چۈشەنچە بارلىققا كەلدى. لېكىن، بۇ چۈشەنچە دىنىي تۇرمۇش ۋە رېئال ھاياتتا ھەقىقىي ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىمىدى. <قۇرئان كەرىم> دىن قارىغاندا، مەككىلىكلەر ئاللارنى ياراتقۇچى ئىگە. ئالىي تەربىيىلىگۈچى، قەسەم ۋە دىننى نازارەت قىلغۇچى، خەقنىڭ يۇرتىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن يات قوۋمنىڭ ھامىيىسى، ئالاھىدە خەۋپلىك چاغلاردا ئىلتىجا قىلىشقا بولىدىغان بىردىنبىر ئىلاھ، دەپ قارىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ، ئاللانى بىردىنبىر ئالىي ئىلاھ سۈپىتىدە ھۆرمەتلىدى. <لائىلاھە ئىللەللاھۇ> (بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ خۇدا يوق) ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇھىم. ئەڭ ئاساسلىق ئەقىدە بولدى. ئاللانىڭ بىرلىكى توغرىسىدا <قۇرئان كەرىم> نىڭ 112 - ئايىتىدە ئەڭ ئېنىق چۈشەنچە بېرىلدى: ئاللا چىندۇر. جىمى مەۋجۇداتنى ياراتقۇچىدۇر. ئۆزىدىن مەۋجۇتتۇر. مەڭگۈ يوقالمايدۇ. ھەرقاچان ھەممە يەردە مەۋجۇتتۇر. ئاللا تەنھا بولۇپ، ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھەممىگە قادىر. رەھىم شەپقەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەڭداشسىز ھەيۋەتلىك بولۇپ، ياخشىلىقنى مۇكاپاتلايدۇ، يامانلىقنى جازالايدۇ. تېز ھېساب ئالىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاللا ئۆز زاتىنى ئىپادىلەيدىغان رەھىمدىل، شەپقەتلىك، مەڭگۈلۈك ئىگە، سوراق قىلغۇچى، ھوقۇق ئىگىسى، دېگەندەك 99 گۈزەل ئىسىمغا ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللانىڭ <رەھمان> (شەپقەتلىك) دېگەن ئىسمى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئايەتلەردە ئاللا سۆزىنىڭ ئورنىغا رەھمان سۆزى ئىشلىتىلگەن. 55 - سۈرىگە <رەھمان> سۆزى ماۋزۇ قىلىنغان. ئاللانىڭ يەككە - يېگانىلىقىغا ئىخلاس قىلىش - ئىسلام ئېتىقادىنىڭ يادروسى، ئاللانىڭ ئىرادىسىگە مۇتلەق بويسۇنۇش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي تەلىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچلۈك خۇدا ئەقىدىسى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇشرىكلىك ئىزنالىرى ئىسلام دىنىنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى. كېيىن ئىسلام ئەقىدىسى تەرەققىي قىلىش داۋامىدا مۇئتەزىلىيەلەر ئاللانىڭ سۈپىتىنى سىمالاشتۇرۇپ چۈشىنىدىغان سىماچىلارغا ۋە جىسمانىي گەۋدە تەرەپدارلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئاللانىڭ زاتى ۋە سۈپىتىنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلىدى؛ <قۇرئان كەرىم> نى ئاللانىڭ سۆزى دەپ بىلىشنى ھەمدە ئەۋۋىلى يوق مەڭگۈلۈك بولماستىن، يارالغان زات، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى؛ ئاللانىڭ مۇتلەق ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنساندا ئىرادە ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىنى، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەمىلىگە مەسئۇل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەقدىرچىلىككە قارشى تۇردى. ئەشئارىيە قاتارلىق مەزھەپلەر ئاللانىڭ ئەۋۋىلىمۇ، ئاخىرىمۇ بولمىغان مەڭگۈلۈك ۋە جىمى شەيئىدىن ھالقىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاللانىڭ بىرلىكى بىلەن كۆپ خىل سۈپەتلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. بىلىش سېزىمى، ئىقتىدار، ھاياتلىق، ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى، ئىرادە، ئىجاد قىلىش ۋە تىل ئاللانىڭ ئەڭ ئاساسلىق سۈپەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> ئاللانىڭ تىلى بولۇپ، يارىتىلمىغان ۋە ئاۋۋىلى بولمىغان سۈپىتى، دەپ قارايدۇ. ئىنساننىڭ ھەممە ئەمىلىنى ئاللا ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاللانىڭ ئىنسان تەقدىرىگە پۈتكىنىگە بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا، ئىنساندا نىسىپىي ئىرادە ئەركىنلىكى بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئادىمىيلەشتۈرۈش ئىپادىلەنگەن ئايەتلەرگە قارىتا تەتقىق قىلماسلىقنى راۋا كۆردى. تەسەۋۋۇپچىلار ئاللا بىلەن <قوشۇلۇپ كېتىش> نى مەنىۋى دەرمان تاۋلاشنىڭ نىشانى قىلىپ، ئاللانىڭ بىرلىكىنى <ئاللادىن باشقا مەۋجۇت شەيئىي يوق> دەپ چۈشەندۈردى. ھەممە نەرسە ئاللانى مەنبەئە قىلىدۇ. پەقەت ئاللا <چىن> بولىدۇ. دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار <ساختا> بولۇپ، ئاللانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى ياكى سىرتلىشىشىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. <يەككە - يېگانىلىق> تىن <ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد> قا تەرەققىي قىلىش تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىش، ئاللاغا <قوشۇلۇپ كېتىش> نى تونۇش ۋە تەلەپ قىلىشىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام مۇدېرنىزمى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ھازىرقى زامان ئىلىم - پېنىنى ۋە ئىدراكنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاللانىڭ بىرلىكى ۋە مۇكەممەللىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئاللانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان پائالىيەتچانلىقىنى ۋە ئىرادە ئەركىنلىكىنى تەكىتلەپ، تەبىئەت سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاللانىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
خۇدا، تەڭرى، پەرۋەردىگار.
- ئاللا، ئۆزۈڭ بار، - دەپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى بوۋاي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ھەيرانلىق، پۇشايمان ۋە ئېنىقسىزلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئاللا! يامان بولدى.