Uyghur→ChineseMain Dictionary
دېگولل
دۇنيا تارىخى
戴高乐
dài gāo lè
1890 - 1970( فرانسىيىنىڭ زۇڭتۇڭى )1959 - 1969(. 1911-يىلى سېن - شېر ھەربىي مەكىتپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي سەپكە قاتناشقان. ئۇرۇشتا يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلەەن. 1920 - 1921-يىللىرى فرانسىيە ۋەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە پولشاغا بارغان. كېيىن سېن - شېر ھەربىي مەكتىپىدە ھەربىي تارىخ ئوقۇتقان <كەلگۈسىدىكى ئارمىيە> نى نەشر قىلدۇرۇپ برونوۋىك قىسىملىرىنىڭ يېڭى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، 1940-يىلى 5-ئايدا 4-برونىۋىك دىۋىزىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان ئالدىنقى سەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئاكتىپ زەربە بەرگەن. 6-ئايدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. فرانسىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن لوندوندا <ئەركىن فرانسىيە> )كېيىن <جەڭگىۋار فرانسىيە> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن( ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، داۋاملىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1943-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1944-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى فرانسىيىنى ئازاد قىلىش ە فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشقان. 1946-يىلى 1-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشكەن. ئىككىنچى يىلى فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. 1953-يىلى بۇ تەشكىلات تارقىلىپ يېزىغا كەتكەن. 1958-يىلى 6-ئايدا زۇڭلى بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 12-ئايدا فرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىكەن مەزگىلىدە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتنى يۈرگۈزگەن، <يادرو سىنىقىنى قىسمەن چەكلەش> شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان؛ شىمالىي ئاتلانتىك ھەربىي ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئورگىنىدىن چىقىپ كەتكەن؛ ئۈچىنچى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىشىغا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئوتتۇرا شەرق، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەللەرنى زىيارەت قىلغان؛ 1964-يىلى فرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقان. 1968-يىلى فرانسىيىدە <ماي بورىنى> پارتىلىغان ئىككىنچى يىلى فرانسىيىدە <ماي بورىنى> پارتىلىغان. ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىدە مەغلۇپ بولۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. <چاقىرىق>، <ئىتتىپاقلىق>، <قۇتقۇزۇش>، <ئۈمىد> قاتارلىق ئەسلىمىلەرنى يازغان.