Uyghur→ChineseMain Dictionary
گالېن
دۇنيا تارىخى
盖仑
gài lún
(تەخمىنەن 129 - 199). قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى تىببىي ئالىم. كىچىك ئاسىيادىكى پېرگاموندا تۇغۇلغان. ئاتىسى نىكون ئارخىتېكتور. ئۇ سىميرنا (كىچىك ئاسىيانىڭ ئىئونىيە دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان)، كورنىتوس ۋە ئالېكسانرىيىلەردە مېدىتسىنا ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن، كېيىن دوختۇر بولغان. تەخمىنەن مىلادى 162 - يىلى رىمغا بېرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە شۆھرەت قازانغان، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. تەخمىنەن 169 - يىلى ماركۇس ئاۋرېلىئۇس شاھنىڭ چاقىرتىشى بىلەن يەنە رىمغا بېرىپ، ئوردا تىۋىپى بولغان ۋە بىرقەدەر ئۇزاق تۇرۇپ قالغان. ئۇ ھىپپوكراتتىن كېيىنكى داڭلىق مېدىتسىنا نەزەرىيىچىسى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان مېدىتسىنىسى ۋە ئاناتومىيىسىنىڭ بىلىملىرىنى سىستىمىلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، پاتالوگىيە ۋە داۋالاش ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلارنى ياراتقان. ئۇ كېسەللىكنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاشتا، فىزىئولوگىيە ۋە ئاناتومىيە بىلىمىنى ئاساس قىلىش لازىم، دەپ قارىغان. ھايۋانلار ۋە ئادەم بەدىنىنى يېرىپ تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق يۈرەك ۋە يۇلۇننى تەكشۈرگەن، ئورگانىزمنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئورگان فىزىئولوگىيىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە قان ئايلىنىشى ۋە <ھايۋاناتلارنىڭ ماغدۇرى> تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان. دىئاگنوستىكا تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەگەن، مەسىلەن: يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشلاردا قىزىرىش، كۆيۈشۈش، ئىششىش، ئاغرىش قاتارلىق تۆت خىل ئاساسىي ئالامەت كۆرۈلىدۇ ۋەھاكازالار، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى، بولۇپمۇ ئاناتومىيىسى تاكى ⅥⅩ ئەسىرگىچە غەرب مېدىتسىنىسىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. پەلسەپە جەھەتتە، گالېن ئادەمنى خۇدا ياراتقان دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلىگەن ھەمدە ئارىستوتىلنىڭ تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ۋە ھىپپوكراتنىڭ ئەسىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىزاھاتى ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
دۇنيا تارىخى
伽伦
gā lún
<كلاۋدې گالېن>.