Chinese→UyghurMain Dictionary
柯瓦列夫斯基
دۇنيا تارىخى
كوۋالېسكىي
(1851 - 1916) روسىيىلىك قانۇنشۇناس، تارىخشۇناس، بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرىنىڭ سىياسىي ئەربابى. خاركوۋ داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1877 - يىلدىن باشلاپ موسكۋا داشۆسىنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە قانۇن - تۈزۈم تارىخى پەنلىرى پروفېسسورى بولغان. 1887 - يىلى چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ يۈرگەن ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ستوكھولم داشۆسى، ئوكسىفورت داشۆسى. بريۇسسىل داشۆسى ۋە چېكاگو داشۆلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1905 - دۆلىتىگە قايتقان، ئىككىنچى يىلى پېتېربۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسۇرى بولغان، كېيىن بىرىنچى نۆۋەتلىك دوما ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. ئۇ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسى شۇنىڭدە ھىندىستان، ئالجىرىيە قاتارلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ئەمەلىي مىساللارغا ئاساسەن جامائەتنىڭ يەر ئىگىلىۋېلىش تۈزۈمىنىڭ تىپى ۋە تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىپ، ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى ئائىلىنىڭ ئانىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى ئائىلىدىن يەككە ئائىلىگە ۋە ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدىن يېزا جامائەسىگە ئۆتۈشتىكى خاراكتىرنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە يېزا جامائەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ماركىس ۋە ئېنگلېس ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پايدىلانغان. ماركىس ئۇنىڭ <جامائەتنىڭ يەر ئىگىلىۋېلىش تۈزۈمى، ئۇنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبى، جەريانى ۋە نەتىجىسى> ناملىق كىتابىدىن (1879) بەزى ئۈزۈندىلەرنى ئالغان. كوبالېۋىسكىينىڭ بەزىبىر ناتوغرا نۇقتىئەنەزەرلىرى ھەم خۇلاسىلىرىنى كۆرسىىتپ بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە <ئىجتىمائىي قانۇن> (1886 - يىل)، <ئائىلە شۇنىڭدەك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي بايان> (1890 - يىل)، <كاپىتالىزم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ياۋرۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى> (1898 - 1900 - يىللىرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.