Chinese→UyghurMain Dictionary
津章起义
دۇنيا تارىخى
زەنجان قوزغىلىڭى
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىراندىكى بابۇددىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زور قوزغىلىڭى. 1850 - يىلى 5 - ئايدا موللا مۇھەممەد ئەلى بابۇددىن ئۆز مۇخلىسلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، زەنجان شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭغا تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بابۇددىن مۇخلىسلىرىدىن باشقا، يەنەكۆپلىگەن يەرلىك ئاھالىلەرمۇ بار. قوزغىلاڭچىلار شەھەر مەركىزىدىكى قورغاننى ئىشغال قىلغان ھەمدە شەھەر ئىچىدە ئىستىھكام ۋە بارگادىلارنى قۇرۇپ، زەمبىرەك ۋە ئوق دورىلىرنى ياساپ، پادىشاھ قوشۇنلىرى بىلەن جەسۇرانە جەڭ قىلغان، جەڭگە ھەتتا ئاياللارمۇ قاتناشقان. شاھ ئوردىسى تەخمىنەن 30 مىڭ كىشلىك قوشۇن يۆتكەپ كىلىپ، زەنجان شەھىرىنى ئۇزاققىچە قورشاپ ياتقان، ئاخىر توپ زەمبىرەكلەر بىلەن شەھەرنى توپقا تۇتۇپ، تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. 1850 - يىلى 12 - ئايدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.