Uyghur→ChineseMain Dictionary
تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىش
بىئولوگىيە
卵生
luǎnshēng
ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى ئانا تېنىنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل تەرەققىي قىلىپ يېتىلىدۇ. تۆرەلمە تەرەققىياتى مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى تۇخۇم تەركىبىدىكى تۇخۇم سېرىقىدا بولىدۇ. شۇڭا تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدىغان ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم سېرىقى مىقدارى كۆپرەك بولۇپ، تۇخۇمنىڭ ئۆزىمۇ چوڭراق بولىدۇ. تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىش ھادىسىسى ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان، مەسىلەن، نۇرغۇنلىغان ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار، بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار، يەر باغىرلىغۇچىلار ھەمدە بارلىق قۇشلار. سۈت ئېمىتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى گەرچە تىرىك تۇغۇش بولسىمۇ، لېكىن ئۆردەك تۇمشۇق تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ.