Uyghur→ChineseMain Dictionary
بۇخارا خانلىقى
دۇنيا تارىخى
布哈拉汗国
bù hā lā hàn guó
ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەۋجۇت بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فېئوداللىق دۆلەت. ئامو دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىدا 1500-يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ باشلىقى شەيبانى خان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېمۇىيلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەيبانىيلار سۇلالىسىنى (0015 - 1598) قۇرغان. ئەسلىدىكى پايتەختى سەمەرقەند بولۇپ، 1561-يىلى پايتەختىنى بۇخاراغا كۆچۈرگەنلىكتىن، خانلىقىمۇ بۇخارا خانلىقى دەپ ئاتالغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت كۈچىيىپ، پەرغانە، تاشكەنت ۋە خوراسانلارنى تارتىۋالغان. ئاستىراخان خاندانلىقى ياكى جاند خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە (1599 - 1753) فېئوداللىق ئىچكى نىزالار ھەم قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىش ئاقىۋىتىدە كۈچى زەئىپلەشكەن. 1740-يىلى بىر مەزگىل پېرسىيە پادىشاھى نادىر شاھ تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ماڭغىت خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە (3175 - 1920) خىۋا خانلىقى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان. كېيىن روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، 1868-يىلغا كەلگەندە روسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىىپ قالغان. 1920-يىلى فېئودال ھۆكۈمرانلىق ئاغدۇرۇلۇپ، بۇخارا خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1925-يىلى نامى ئۆزبېكستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
布哈拉汗国
bù hā lā hàn guó
تارىخ
(富货国)
(fù huò guó )