UyghurMain Dictionary
نارام سېن
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ئاككاد پادىشاھلىقىنڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2291 - 2255). ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە دۆلەت ئىنتايىن روناق تاپقغان. كۆپ قېتىم سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، زېمىنىنى شىمالدا ئەرمىنىيە ۋە كۇردىستانغىچە، شەرقتە زاگوروس تېغىغىچە، غەربتە سۈرىيە، ئەرەب يېرىم ئرىلى ئەتراپىغىچە يەتكۈزگە. ئۇ ئۆزىنى <جاھاندىكى تۆت تەرەپنىڭ پادىشاھى>، <مۇقەددەس نارام سىن> دەپ ئاتاپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇشقا كىرىشكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا شىمالدىكى دۆلەتلەر ئۇنىڭغا قارشى چىققان، سىياسىيى ۋەزىيەت داۋالغۇپ پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاجىزلاشقان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تەخت كەينى - كەينىدىن يەڭگۈشلىنىپ، ئاككاد پادىشاھلىقى زاۋالغا يۈزلەنگەن. <نارام سىن تۆھپە ئابىدىسى> گە قاراڭ.