Chinese→UyghurMain Dictionary
一九四七年月惨案
دۇنيا تارىخى
1947-يىلدىكى ئىيۇل پاجىئەسى
ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكى بىرمىدىكى گۇماشتىسىنى كۈشكۈرتۈپ بىرمىنىڭ مىللىي داھىيسى ئائۇڭ ساننى قەست قىلىپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە. 1947-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىر ئۇچۇم لۈكچەكلەر مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ كاتىبات نازارىتىگە بېسىپ كىرىپ، يىغىن ئېچىۋاتقان ئائۇڭسان جياڭجۈن ۋە ئالتە مىنىستىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كېيىن مۇشۇ دېلونىڭ باش جىنايەتچىسى ئەنگلىيەپەرەس سىياسەتۋاز ئۇساۋ ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. قاتىل سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن ئېتىۋېتىلگەن. بىرما خەلقى ئائۇڭ ساننىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ھەريىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىنى قۇربانلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.