—Reference
تۈندىكى چاقماق
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ تارىخىي رومانى بولۇپ، 1988 - يىل 6 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. روماندا مۇشۇ ئەسرنىڭ 20 - يىللىرىدا خوتەننىڭ چىرىيە ناھىيسىدە يۈز بەرگەن <چىرىيە ۋەقەسى> بايان قىلىنغان. قارا قۇرۇم تاغلىرى باغرىدىكى ئەمگەكچى خەلق يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ، زالىم كۈچلەرنىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇمىغا، يولسىزلىقىغا ئۇچراپ، ياشاشقا ئامالسىز قالىدۇ، ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بولسىمۇ، چوڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دەل مۇشۇ مەزگىلدە دىنىي قىياپەتكە كىرىۋالغان <ئاقپاشا> جاسۇسى ساۋۇت چىرىيەگە كېلىپ، سابىق سۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر تەشكىللىگەن قوچاق ھۆكۈمەتنىڭ پاسپورتىنى تارقىتىدۇ ھەم رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئالۋان - ياساق، زۇلۇم - زورلۇقتىن ۋاقىتلىق قۇتۇلدۇرىدىغان پاسپورتنى خېلى كوپ كىشىلەر ئېلىپ رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ، يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى بۇ ئىشنى توسىيالمايدۇ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا خەلق قەھرىمانى سۈپۈرگە ئاخۇن ئۆز مىللىتىنى، يۇرتىنى سۆيىدىغان بىر قىسىم كىشلەرنى تەشكىللەپ، ئۆز زېمىنىنى، مىللىي غۇرۇرىنى، دىنىي ئېتىقادىنى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا ساۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى قەھرىمانلارچە كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ساۋۇتنى ئۆلتۈرۈپ، غەلبە قازىنىدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ غەلبىسىدىن ئالاقىزادە بولغان ھۆكۈمەت خەلق ئاممىسىدىن، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىدىن قورقۇپ، خەلق قەھرىمانى، ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى سۈپۈرگە ئاخۇننى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. ئاپتور مانا مۇشۇ ۋەقەلىكنى يېزىش ئارقىلىق سۈپۈرگە ئاخۇنغا ۋە شۇ باشلىق ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمانلارغا بەدىئىي ئابىدە تىكلەپ، ئۇلارنى قىزغىن مەدھىيلىگەن، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى، يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ساتقىنلىقىنى پاش قىلغان.