UyghurMain Dictionary
تۇلپار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەسىللىك چاپقۇر، يۈرۈشلۈك ئات.
تۇلپارنىڭ ئايىقى بارا _ بارا قىزىيدۇ. بېشى بۇلبۇل، ئايىقى دۇلدۇل. ئارغىماق ئات ئۆتكۈزمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەسلى ياخشى، چاپقۇر، يۈگۈرۈك ئات؛ ئارغىماق.
ئۇ سىرتقا چىقىپتۇ - دە، ئوغلىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن ئېگەرلەنگەن تۇلپارىنى مىنىپ، ھەممىنى تاشلاپ، يولغا راۋان بوپتۇ.
ئەپسانىلەردىكى قاناتلىق، ئۇچىدىغان ئات.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇچقۇر ئارغىماق. رىۋايەتلەردىكى قاناتلىق ئات.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
رىۋايەتلەردىكى قاناتلىق ئات