UyghurMain Dictionary
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچەر
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، مەلۇم بىر ئىشتا يېڭلىشىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئادەم چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بەكمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: ھاپىز خوجا شۇ كۈنلەردە خۇددى «سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچەر» دېگەندەك، ناھايىتى سەگەك ۋە تۇيغۇن بولۇپ قالغانىدى.