Uyghur→ChineseMain Dictionary
ئىتاگاكى تائىسۇكى
دۇنيا تارىخى
板垣退助
bǎn yuán tuì zhù
(1837 - 1919) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي رەھبىرى توسا ۋاسساللىقىدىن چىققان زىيالىي. شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ۋۇچېن ئۇرۇشى ۋاقتىدا باش ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. مېيجى يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ھۆكۈمەتنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان. 1873 - يىلى <جېڭخەن نەزەرىيىسى> نى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، سايگو تاكامورى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بوغان. ئىككىنچى يىلى ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، خەلق سايلىمى پالاتاسى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى قوزغىغان ھەمدە ئىرادە تىكلەش جەمئىيىتىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، پارلامېنتقا تەلەپ قويۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1881 - يىلى 10 - ئايدا ئەركىنلىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ، لېدىرلىققا سايلانغان. 1882 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىنى ساياھەت قىلغان. 1883 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەركىنلىك پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىدىن قول ئۈزگەن. 1896 - يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1898 - يىلى ئوكۇماشېگىنوبۇ بىلەن ئىچكى كابېنت تەشكىللىگەن. بۇ <ئىتاگاكى - ئوكۇما ئىچكى كابىنېتى> دەپ ئاتالغان. يەنە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن بىر توملۇق <ئىتاگاكى تائىسۇكى ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.