UyghurMain Dictionary
ئاخىرەتلىك بۇيۇملار
دۇنيا تارىخى
قەبرىگە ئۆلۈك بىلەن بىللە كۆمۈلىدىغان نەرسىلەر. ئەڭ دەسلەپتە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن. دەپنە ئۇسۇلى، دەۋر، رايون، ياش، جىنس، ئىجتىمائىي سالاھىيەت ۋە سىنىپنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىللە كۆمۈلىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە تۈزۈلۈشى پەرقلىق بولغان، ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت ئەھۋالى بىلەن تۇرمۇش ئادىتىنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ.