UyghurMain Dictionary
سولچى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھى
دۇنيا تارىخى
1918 - يىلنىڭ باشلىرىدا <برېست شەرتنامىسى>نى ئىمزالاش مەسىلىسىدە روسىيە كوممۇنىستلار (بولشۋېكلار) پارتىيىسى ئىچىدە شەكىللەنگەن <سول> چىل ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى. بۇخارىن، بۇىنوۋ، لاموۋ. ئوشىنىسكى قاتارلىق كىشىلەرنى يادرو قىلغان بولۇپ، بىر مەزگىل موسكۋا،پېتېربۇرگ ۋە ئورالدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى <سولچى كوممۇنىزمچىلار> دەپ ئاتاشقان. <ئىنقىلابىي ئۇرۇش> ئارقىلىق <دۇنيا بۇرژۇئازىيىسى>گە قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر ئىنقىلابىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نەزەرىيە پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت دۆلىتىنى گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تروتىسكىنىڭ سۆھبەتلىشىش مەيدانىنى قوللاپ، لېنىن ئوتتۇرغا قويغانگېرمانيە بىلەن <برېست سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. سۈلھ شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، شەرتنامىنى بۇزۇشقا ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلغان. شۇيىلى 4 - ئايدا <نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت پروگراممىسى>نى ئېلان قىلىپ، ئىچكى سىياسەتتە، ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. تەنقىدلەنگەندىن كېيىن، شۇيىلى ياز پەسلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خاتالىقىنى تونوپ، گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان.