Uyghur→ChineseMain Dictionary
ۋىلسون
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
威尔孙
wēi ěr sūn
دۇنيا تارىخى
威尔逊
wēi ěr xùn
(1856 - 1924). ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى (1913 - 1921). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. پرىنسېتون داشۆسى. ۋېرگىنىيە داشۆسى ۋە خوپكېنىس داشۆسى تەتقىقات ئورنىدا ئوقۇغان. كېيىن ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن. 1890 - 1902 - يىللىرى پرىنسېتون داشۆسىنىڭ قانۇشۇناسلىق، سىياىي ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 1902 - 1910 - يىللىرى مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1911 - 1912 - يىللىرى يېڭى جېرسى شتاتىنىڭ شتات باشلىقى بولغان. 1912 - يىلى <يېڭى ئەركىنلىك> شوئارى ئارقىلىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرى تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، تاپاۋەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج قانۇنى، تۆمۈريول ئىچىلىرىنىڭ سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. 1917 - يىلى 4 - ئايدا گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى <ئون تۆت نۇقتىلىق> پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1919 - يىلى 1 - ئايدا پارىژ يىغىنىغا قاتناشقان، يىغىندا ياپونىيە بىلەن مۇرەسسەگە كېلىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلغان. كېڭەش پالاتاسىدىكى <يەككىچىلىك تەرەپدارلىرى> بىلەن قارشىلىشىپ <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> نى تەستىقلاش ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، خەلققە جاكارلاپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە مەملىكەتنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. سەپەر ئۈستىدە ئاغرىپ قېلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ۋىلسوننىڭ <گېئورگې ۋاشىنگتون>، <ئامېرىكا خەلقىنىڭ تارىخى> ۋە <ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.