UyghurMain Dictionary
فرانس
دۇنيا تارىخى
(1708 - 1765) لوررېنگېرتسوگى (1729 - 1736)، توسكانا كىنەزى (1737 - 1765)، مۇقەددەس رىم ئىمپرىيىسىنىڭ پادىشاھى (1745 - 1766)، ئاۋستىرىيە كورۇلى مارىيە تېرېسىيەنىڭ ئېرى. 1740 - يىلى ئايالى بىلەن ئاۋستىرىيە خابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ مىراسلىق زېمىنىغا بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقتىن، خابسبۇرگ لوررېن جەمەتىنىڭ دەسلەپكى ئەجدادى دەپ قارالغان. 1745 - يىلى ئاۋسترىيىنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا، مۇقەددەس رىم ئىمپرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىغا سايلانغان.
دۇنيا تارىخى
(1768 - 1835) ئاۋسترىيە كورۇلى (1792 - 1804)، مۇقەددەس رىم ئىمپرىيسىنىڭ ئىمپېراتورى (1792 - 1806). 1804 - يىلدىن باشلاپ ئاۋسترىيە ئىمپېرىيسىنىڭ ئىمپېراتورى بولۇپ، نامىنى فرانس Ⅰ دەپ ئۆزگەرتكەن. 1795 - يىلى پولشانى ئۈچىنچى قېتىملىق بۆلۈۋېلىشقا قاتناشقان. فرانسىيەبۇرژۇئا ئىنقىلابىغا ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرۇشقا كۆپ قېتىم قاتناشقان. ئۈچىنچى قېىتملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقتا ناپولېئون تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، 1806 - يىلى 8 - ئايدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى دېگەن نامدىن ۋاز كېچىشكە مەجبور بولغان. 1809 - يىلى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، ئاۋسترىيىگە فرانسىينىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان. <مۇقەددەس ئىتتىپاق>نى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، گېرمانىيە ۋە ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قېىتم باستۇرغان.