Lughet
DictionaryChinese波兰一七九一年宪法
ChineseUyghurMain Dictionary

波兰一七九一年宪法

دۇنيا تارىخى پولشانىڭ 1791 - يىللىق ئاساسىي قانۇنى <3 - ماي ئاساسىي قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا پولشانىڭ قايتا بۆلۈۋېلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈزگەن ئاساسىي قانۇن. 1791 - يىل 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى پارلامېنتتا ماقۇللىنىپ، پولشا ھوقۇق مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق دۆلەت بولۇپ، پادىشاھلىق سايلام تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. پادىشاھنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈزۈلۈپ قالغاندىلا ئاندىن يېڭى سۇلالە قۇرۇش، پارلامېنتتا بىردەك ماقۇللىنىدىغان قارار چىقىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق قارار چىقىرىشقا ئۆزگەرتىش؛ ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشىنى مەنئىي قىلىپ، مەركەزنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى كۈچەيتىش، ئارمىيىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. لېكىن ئاساسىي قانۇن يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئاساسىغا چېقىلمىغان، ئاقسۆڭەكلەر ئوخشاشلا پۈتۈن ئىقتىسادىي ئىمتىياز ۋە سىياسىي ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان. ئاساسىي قانۇن تولۇق يولغا قويۇلمىغان. 1793 - يىلى روسىيە، پرۇسسىيە پولشاغاتاجاۋۇز قىلغان، شۇنداق قىلىپ پولشا ئىككىنچى قېتىم بۆلۈۋېلىنغان.
Rate this entry

Related words

一七九一年宪法ChineseUyghur
← Search