Uyghur→ChineseMain Dictionary
ئالبا
دۇنيا تارىخى
阿尔发
ā ěr fā
(1507 - 1582) ئىسپانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرى. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئمپېراتورى كارلوس Ⅴ كە ئۇزۇن ۋاقىت ساداقەت كۆرسەتكەن. 1525-يىلىدىكى ئىتالىيە ئۇرۇشىدا پاۋىيە جېڭىگە قاتناشقان. 1535-يىلى شىمالىي ئافرىقىنى ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، تۈركلەرنىڭ قولىدىن تۇنىسنى تارتىۋالغان ( كۆپ ئۆتمەي قولدىن بېرىپ قويغان). 1547-يىلى مولبېرگ (گېرمانىيىنىڭ شەرقي قىسمىدىكى بىر كىچىك بازار) تا گېرمانىيىدىكى پروتېستانت كىنەزلىرىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. فىلىپ Ⅱ ئىسپانىيە تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، 1567-يىلى نىدېرلاندىيە باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا <توپىلاڭنى تەكشۈرۈش كومىتېتى> (<توپىلاڭنى تىنچىتىش كومىتېتى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، خەلق ئاممىسى ئۇنى <قانلىق كومىتېت> دەپ ئاتىغان) تەسىس قىلىپ، نىدېرالاندىيەئىنقىلابچىلىرىنى قانلىق باستۇرغان ھەمدە يېڭى باجلارنى ئېلىپ، 1572-يىلىدىكى نىدېرلاندىيە ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1573-يىلى ئىسپانىيىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. 1580-يىلى يەنە قوشۇن باشلاپ بېرىپ، پورتۇگالىيىنى ئىشغال قىلغان.
ئىستېتىكا
晨曲
chén qǔDئۇنىۋېرسال
阿尔巴
ā ěr bāDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
阿尔巴〈新西、美、意〉
ā ěr bā 〈xīn xī 、měi 、yì 〉Dتارىخ
阿勒巴
ā lè bā