Chinese→UyghurMain Dictionary
拜里迷苏敕
دۇنيا تارىخى
پارامېسۋارا
(؟ - 1424) مالاككا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئېيتىلىشىچە، ئەسلى بالېمباڭنىڭ شاھزادىسى ئىكەن. مادجاپائىت دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولۇپ، تەخمىنەن 1400-يىلى توماسىك (سىنگاپور) غا قېچىپ كەتكەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىيامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن يەنە مالاككاغا بېرىپ، 1403-يىلى مالاككا دۆلىتىنى قۇرغان. دەسلەپ سىيامغا تەۋە بولغان، كېيىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. 1411-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يوڭلىنىڭ 9-يىلى) جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان.