UyghurMain Dictionary
پات پات
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
«پات - پات»تېز - تېز، دائىم.
كىمكى سۆزىدە پات - پات «گېپىم راست دېسە، شۇ گېپىم راست» دېگىنى يالغان.
ئارىدا تام بولمىسا، يارىمنى كۆرسەم پات - پات،
يارىمنىڭ باسقان ئىزىدا ئېچىلدى گۈللەر قات - قات.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
موتسىكلىت قاتارلىقلارنىڭ ئىس چىقىرىشىدىن چىققان ئاۋاز.
ئالدىمىزدىن بىر موتسىكلىت «پات - پات» قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ۋاقتى - ۋاقتىدا، تېز - تېز.
ئۇ پات - پات كېلىپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<پات Ⅳ> سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.