UyghurMain Dictionary
ئېكولوگىيە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
جانلىقلار ئارىسىدىكى ۋە جانلىقلار بىلەن جانسىز مۇھىت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئېكولوگىيە جانلىقلار بايلىقىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئاساسىي پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق، مېدىتسىنا قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
جانلىقلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتتىكى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ياشاش خۇسۇسىيىتى.
جانلىقلار ئېكولوگىيىسى.