Uyghur→ChineseMain Dictionary
كونا پورت
دۇنيا تارىخى
旧港
jiù gǎng
يەنى پالېمباڭ. ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. ھازىرقى سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ پورت. مىلادى Ⅶ ئەسىردىن كېيىن، سرىۋىجايانىڭ پايتەختى بولغان. سرىۋىجايا ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك خانلىقنىڭ مەركىزىي بولغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى، ماجاپاھىتقا قارام بولغان. كېيىن پالېمباڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن، جۇڭگولۇق دېڭىزچى جىڭخې 1407 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلى 5 - يىلى) ئۇ يەرنى زىيارەت قىلغان. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تەسىر دائىرىسىدىن ئايرىلىپ قالغان دېماك سۇلتانلىقىنىڭ خان جەمەتى ئەزالىرى پالېمباڭغا قېچىپ كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. 1617 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرگە بىر مەزگىل باستۇرۇپ كىرگەن، كېيىن بۇ يەردە سودا پونكىتى قۇرغان. 1659 - يىلى ئۇلار پالېمباڭنى ئىشغال قىلغان، 1825 - يىلىدىن كېيىن بۇ يەر گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرىنىڭ بىۋاستە ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.