UyghurMain Dictionary
جەڭگىۋار فرانسىيە
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېگولل رەھبەرلىك قىلغان فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. تەكتى <ئەركىن فرانسىيە>. 1942-يىلى 7-ئايدا <جەڭگىۋار فرانسىيە> دەپ ئۆزگەرتىلگەن، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە مىللىي ئازاتلىق كومىتېتى (1943ىلى 6-ئاي) ۋە فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى (1944 - يىلى 6 - ئاي) دىن ئىبارەت. كۆپلىگەن ھەربىي قىسمىغا ۋە فرانسىيىنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئىگە بولغان. ئىتتىپاقداش قوشۇنغا ماسلىشىپ، ئۆز زېمىنىنى ئازات قىلىش ۋە فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.