UyghurMain Dictionary
كۆڭلى سۇيۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىجەز - خۇلقى ئىتتىك، سۆزى تۇتۇرۇقسىز.
«شىغىلداق» ئىلى شېۋىسىدە «يېنىك» مەنىسىدە ئېيتىلىدۇ.
شاللاق قىز ئاشىقىدىن بىزار. شاللاق ئايالغا سوقۇر ئەر ياخشى. شەپشەك قارنى تويغان چاغ، شەپشەكلىكى بولار دادىلراق. شېتىلە ئېرىق ئاتلار، ئېغىر - بېسىق دەريا. يېنىك چوكان ئەردە توختىماس. شەقىقە شەھەرگە پاتماس. كۆڭلى سۇيۇقنىڭ ئىشى ئاقماس، كۆڭۈلگە ياقماس.
شىۋىلەر
شاللاق، گېپىدە تۇرمايدىغان، ئالىقاپ. مەسىلەن: ھە، مېنى شۇنچە كۆڭلى سۇيۇق قىز دەپ چاغلىدىڭىزمۇ ؟ مەن ئانداق گېپىدە تۇرماي يېنىۋالىدىغان قىزلاردىن ئەمەس !
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۇرالغۇسى يوق، ئۈجمە كۆڭۈل.
مېنىزە شۇنچە كۆڭلى سۇيۇق قىز دەپ چاغلاپتىكەنسىز - دە؟