UyghurMain Dictionary
بۇلۇت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۇ تامچىلىرى ۋە مۇز كرىستاللىرىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان، ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرىدىغان بىر خىل جىسىم.
بۇلۇت چىقماي يېغىن ياغماس، دەرد تارتماي ياش چىقماس (ماقال). * يات تۇغقىنىڭدىن بۇلۇت يېقىن (ماقال).
باھاردا بۇلۇت ياش تۆكسە بول شادىمان،
بۇ سۈپەت يېغىشىدىن ھەممە ياق بوستان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . تۆۋەن دەرىجىلىك، كۆپ ھۈجەيرىلىك بىر خىل دېڭىز ھايۋىنى.
2 . كاۋچۇك ياكى سۇلياۋ (يالتىراق) دىن ياسىلىدىغان، كۆپ تۆشۈكلۈك ماتېرىيال. «بۇلۇت Ⅰ» گە ئوخشايدۇ. ماچالكا.
بۇلۇت پالاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى.
ئىچىڭدە پىنھان بولسا سىرىڭ، ئۇسېنىڭ ئەسىرىڭ، ئۆزۈڭ ئاڭا ئەسىرسەن قاچان قىلدىڭ ئاشكارا. ئىران 400 ئىراق ئەسىرىنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. مۇھەببەتكە تۇتقۇن بولساڭ، كۆز يېشىڭ قۇرۇماس. بىز ھەممىمىز تۇتقۇنلارمىز، پەقەت ئايرىملىرىمىزنىڭ قاماقخانىمىز دېرىزىلىك، ئايرىملىرىمىزنىڭ دېرىزىسىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مېتېرېئولوگىيە
سۇ تامچىلىرى ۋە مۇز كرىستاللىرىنىڭ توپلىنىشىدىن شەكىللەنگەن ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرىدىغان بىر خىل جىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
سۇ تامچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، كۆكتە ئۈزۈپ يۇرىدىغان جىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
سۇ تامچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، كۆكتە ئۈزۈپ يۈرىدىغان جىسىم. بۇلۇتتەك مەرتىۋىسى ئۈستۈن كىشى.