UyghurMain Dictionary
كۈلپەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبئىي ۋە سۈنئىي ھالدا يۈز بېرىپ، ئېغىر زىيان يېتىدىغان قىيىن ئەھۋال.
خۇدا دېگەن يەردە بالا يوق، شال تېرىغان يەردە پولۇ. ئۆزى چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئەقىللىق مىڭ قازاندىن قۇتۇلار، نادان بىر بالاغا تۇتۇلار. بەختتىن بالا - قازا يۈگۈرۈك. بالا - قازا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا. ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھوشيار بول. يامان خوتۇن جاننىڭ ئاپىتى. تۈلكىگە ئۆز تېرىسى ئاپەت كەلتۈرەر. ئاپەتنىڭ كەينىدە ئامەت بار. كىم ئەگەر ئۆسكەنىكەن تازۇنېمەتتە، ھالى ئېغىر بولار قالسا كۈلپەتتە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوڭۇشسىزلىق، مۇسىبەت، ۋەيرانىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان قىسمەت.
بەخت، سائادەت، بەخت - سائادەت، ئىقبال، دۆلەت، قۇت
تۇرمۇشتىن رازىلىق، مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق، ئىستىقباللىق ھېسسى.
بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قارا جۈپنى تاق قىلىدۇ. رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن. بەختى بارنىڭ رەختى يوق، رەختى بارنىڭ بەختى يوق. سائادەت ئىشىكتىن كىرسە، يوقسۇزلۇق مورىدىن چىقار. بىر كىشى ئۈچۈن بولسا بىر ھۈنەر، ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. دۆلەت كەلسە ھۇشيار بول، ئاپەت كەلسە قەيسەر. بەختتىن كۈلپەت يۈگۈرۈك. سائادەت كېلىپ، قازا كەتسۇن. بالا - قازا ئادەمنى ساقلاتقۇچە بالدۇرراق كەلسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېغىر قىيىنچىلىق، ئازاب - ئوقۇبەت، دەرد - ئەلەم.
كۈلپەت چەكمەك. كۈلپەت چۈشمەك. كۈلپەت سالماق.
ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەردىن ئىچىم ئېچىشتى.