Uyghur→ChineseMain Dictionary
كراسسۇس
دۇنيا تارىخى
克拉苏
kè lā sū
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن )115 - 53( قەدىمكى رىم باش قوماندانى. ياش ۋاقتىدا سۇللاغا ئەگىشىپ، سۇللانىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ، كاتتا باي )رىم <دۆۋەرنى> دەپ نامى چىققان( بولۇۋالغان. سپارتاك قوزغىلىڭى مەزگىلىدە، مىلادىدىن 71 - 72 يىل ئىلگىرى سېنات ئۇنىڭغا دىكتاتۇرلۇق ھوقۇقى بەرگەن، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ، تۈمەنلىگەن قۇللارنى قىرغىن قىلغان. مىلادىدىن 70 يىل ئىلگىرى پومپېي بىلەن بىللە كونسۇل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھوقۇقى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارغان. پومپېي بىلەن ئارازلىشپ قالغان. كائېسارنىڭ ئارىغا چۈشۈپ سالا قىلىشى بلەن ۋاقىتلىق مۇرەسسەلەشكەن. مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى كائېسار ۋە پومپېي بىلەن ئالدىنقى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى كائېسار ۋە پومپېيلار بىلەن لوكا يىغىنى چاقىرىپ، <ئۈچ كاتىباش> ئىختىلاپنى مۇرەسسە قىلغان. مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى يەنە بىر قېتىم كونسۇل بولغان؛ قەرەلى توشمايلا سۈرىيە ئۆلكىسىنىڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. شەرقتە ئاچكۆزلۈك بىلەن مال - دۇنيا يىغقان ھەمدە تېخىمۇ زور ھەربىي تۆھپىگە ئېرىشىش كويىدا بولغان. مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى يەتتە كورپۇس ئەسكەر باشلاپ، ئارساك )پارفىيە(غا يۈرۈش قىلغان، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنڭ شىمالىي قىسمىغا ئالداپ كىرگۈزۈلۈپ كاررې )فرات دەرياسىنىڭ شەرقى( ئەتراپىدا بولغان جەڭدە قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن.