—Reference
دەرىجىدىن تاشقىرى ۋېلىسىپىت
ھەرخىل ماشىنىلار
1984 - يىلىدىكى23 - قېتىملىق ئولىمپىك يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋېلىسىپىتنى مىنىپ تاجغا ئېرىشىپ شۆھرەت قازاندى. ئىككى يىلدىن كېيىنكى10 - قېتىملىق ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا كورېيىلىك تەنھەرىكەتچىمۇ مۇشۇنداق غەلىتە ۋېلىسىپىتنى مىنىپ ئالتۇن مېدال ئالدى. مۇنداق مۇسابىقە ۋېلىسىپىتلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى دەپ ئاتالدى.
دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىنىڭ ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتلەردىن پەرقى شۇكى، ئۇنىڭ ئارقا چاقىدا گۈگۈسۈن يوق بولۇپ، پەقەت چوڭ بىر گرافىتلىق نېپىز سۇلياۋ تەخسىدىن ئىبارەت. بۇ تەخسىدە ھاسىل بولىدىغان قارشىلىق كۈچى گۈگۈسۈنلۈك ۋېلىسىپىتلەردىن كۆپ ئاز بولىدۇ.
ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىسى ۋېلىسىپىت مىنگەندە، ئەتراپىدىكى ھاۋانىڭ ئادەم ۋە ۋېلىسىپىتكە قارشىلىق كۈچى پەيدا بولىدۇ، قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىش ئۈچۈن، رولنى پەسەيتىپ، تەنھەرىكەتچى ئېڭىشىپ ماڭسا، ھاۋانىڭ ئادەم بەدىنىگە ئۇرۇلۇش يۈزى كىچىكلەيدۇ.
بىراق، ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ۋېلىسىپىت ماڭغاندا ئارقا چاقىنىڭ گۈگۈسۈن ۋە قاسقىنى ئەتراپىدا قارشى يۆنىلىشتە ھاۋا ئېقىمى ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇن ئۇششاق قۇيۇنلارنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ قۇيۇنلارنىڭ يۆنىلىشى چاقنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قارىمۇقارشى بولۇپ، گۈگۈسۈن ۋە قاسقانغا تەسىر قىلىپ، ۋېلىسىپىتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قارشى كۈچكە ئايلىنىدىكەن. ئادەتتە ۋېلىسىپىت مىنگەندە، تېزلىك ئاستا بولغاچقا، مۇنداق قارشىلىق كۈچى تولىمۇ كىچىك بولىدۇ. ئەمما، تەنھەرىكەتچى سائىتىگە32 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭسا، ئۇنىڭ چىقارغان كۈچىنىڭ 90% ى ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى يېڭىشكە كېتىدىكەن.
دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىنىڭ ئارقا چاقىغا ئېقىم سىزىق گرافىتلىق سۇلياۋ تەخسە ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ھاۋا گۈگۈسۈنلەرنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتكەندە ھاسىل بولىدىغان قۇيۇننىڭ قارشىلىق كۈچى شەكىللەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئايروپىلاندىكىگە ئوخشاش ئايرو دىنامىكىلىق لايىھە قوللىنىلغاچقا، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى بەك كىچىك بولىدۇ، مۇنداق ۋېلىسىپىتنىڭ گەۋدىسى ئادەتتىكى ۋېلىسپىتلەردىن %30 تار بولغاچقا، ھاۋانىڭ قارشىلىقى ئازىيىپ، ۋېلىسىپىتنىڭ تېزلىكى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتلىرىدە گرافىتلىق سۇلياۋ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، قۇرۇلمىسى يەڭگىللىشىپ، ئۇدۇلدىن كېلىدىغان قارشىلىق كۈچى ئازايغىنى بىلەن، شامال ياندىن ئۇرسا، تەخسىنىڭ بىر تەرىپى ئۇچرايدىغان بېسىم زور دەرىجىدە ئېشىپ، ۋېلىسىپىتنى بىر يانغا ئىتتىرىپ، سۈرئەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ۋېلىسىپىتلەرئالەم ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلىدىغان ئالىي ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ، ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتلەردىن6 .1 كىلوگرام يېنىك بولىدۇ، بىراق، پۈتۈش باھاسى بەك قىممەت.