Uyghur→ChineseMain Dictionary
مارىي
دۇنيا تارىخى
玛丽
mǎ lì
(1) مارىي Ⅰ (1558 - 1516). يەنى مارىي تۇدۇر. ئەنگلىيە تۇدور خاندانلىقىنىڭ كورۇلىۋاسى (1553 - 1558). ئۇنىڭ ئاتىسى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅷ، ئانىسى ئىسپانىيە مەلىكىسى كاتېرىن. 1554-يىلى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسپانىيىنىڭ تەخت ۋارىسى فىلىپ (كېيىنكى ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئۇرۇش قوزغىغان، ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازىسى بولغان كالې پورتىدىن مەھرۇم بولغان (1558-يىل). ئىچكى جەھەتتە كاتولىك ئاقسۆڭەكلىرىگە تايىنىپ، كاتولىك دىنىنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئەنئەنىۋى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. پروتېستانتلارغا ۋەھشىيلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ <قانخور مارىي> دەپ نام ئالغان. ئۇ يولغا قويغان ئىچكى - تاشقى سىياسەت ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزىغان. (2) مارىي ستۇئارت (2587 - 1542). شوتلاندىيە كورۇلىۋاسى (1567 - 1642). شوتلاندىيە كورۇلى جامېس Ⅴ (Ⅴ James، 1567 - 1542) نىڭ قىزى، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅶ نىڭ قىز نەۋرىسى. تۇغۇلۇپ ئالتىنچى كۈنى ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1548-يىلدىن تارتىپ فرانسىيە خان سارىيىدا تۇرغان. 1558-يىلى فرانسىيە شاھزادىسى فرانسېس (1559-يىلى ئېرى ئۆلۈپ، ئىككىنچى يىلى شوتلاندىيىگە قايتىپ كېلىپ شەخسەن ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيىدىكى كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ئېلىزابىت Ⅰ نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەنگلىيىنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ ئىشقا ئاشمىغان. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ پروتېستانت دىنىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغانلىقتىن، شوتلاندىيە كالۋىنچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1567-يىلى تەختتىن قالدۇرۇلغان، ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ كېتىپ، كېيىن ئېلىزابىت تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان. ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ ئەنگلىيە كاتولىك دىنىي كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مارىينىڭ ئەنگلىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئېلىزابىتنىڭ ئورنىغا مارىينى قويۇشنى پىلانلىغان. ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مارىي ئېلىزابىت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.