UyghurMain Dictionary
تۆۋەنلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەس تەرەپكە قاراپ چۈشمەك، پەسلىمەك.
كەلكۈن ئېھتىيات سىزىقىدىن بىر مېتىر تۆۋەنلىدى.
پەس، تۆۋەن تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىمەك، يۈرۈش قىلماق.
بىز بوۋايغا ئەگىشىپ، بىردەم يۇقىرىلاپ، بىردەم تۆۋەنلەپ دېگۈدەك مېڭىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە داۋانغا چىقىپ بولدۇق.
يول، دەريانىڭ ئاخىرلىشىش تەرىپىگە، ئايىغىغا قاراپ ماڭماق.
ئاق ساقاللىق، چەبدەس ئۇستام ئات بىلەن قوغان يېزىسىدىن تۈمەن دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلىمەكتە.
نەتىجىسى، مىقدارى ئازايماق، كەملىمەك.
ئەزىز بۇ قېتىمقى ئىمتىھان نومۇرىنى 90 پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ دەپ ئىشەنچ قىلىپ ئولتۇرغانىدى.
خىزمەت، ئىش ئورنى، ئەمەل دەرىجىسى كىچىكلىمەك، پەسلىمەك.
ئۇنىڭ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەركىم ھەرنېمە دەپ باقتى.
سۈپىتى، ئۈنۈمى يامان تەرەپكە قاراپ يۈزلەنمەك، ناچارلاشماق.
نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋاقتى ئۇزارتىلسا، ئۆگىنىش ئۈنۈمى ئەكسىچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟
ئاجىزلاشماق، كۈچسىزلەشمەك، پەسلىمەك.
ئاۋازى تۆۋەنلىمەك. ھارارىتى تۆۋەنلىمەك.